مەرسىيەلەر 2:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى. Gade chapit la |
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا قولايانىڭ ئوغلى ئاخاب ۋە مائاسېيانىڭ ئوغلى زىدقىيا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدۇ. شۇڭا مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا ئۆلتۈرىدۇ.