12 «ئېچىرقىدىم، چاڭقىدىم» دەپ بالىلار ئانىلىرىغا پەرياد قىلاتتى. ئۇلار يارىلانغان باتۇرلارغا ئوخشاش شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى، ئانىلىرىنىڭ قۇچاقلىرىدا ئاستا-ئاستا جان بېرەتتى.
بابىل پادىشاھىنىڭ بىلەكلىرىگە كۈچ بېرىپ، قىلىچ تۇتقۇزىمەن، لېكىن مەن پىرئەۋننىڭ بىلەكلىرىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن. پىرئەۋن ئۇنىڭ ئالدىدا ئېغىر يارىدار ئادەمدەك ئىڭرايدۇ.
مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن، ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ، گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»
ئەمدى ھاياتىم ئاخىرلىشاي دېدى، ئازابلىق كۈنلەر مېنى ئىلكىگە ئالدى.
كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىگىنىمدە: باراتتىم جامائەت بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈشكە، كىشىلەرنى باشلايتتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە، مەدھىيە ئېيتىپ توۋلىشاتتۇق خۇشال بولۇپ شۇ دەمدە.
ئەي خالايىق ھەر دائىم ئىشىنىڭلار خۇداغا، ئىزھار ئەيلەپ كۆڭۈل ۋە دەردىڭلارنى ئۇنىڭغا. چۈنكى پەرۋەردىگار بىزگە بولىدۇ بىر پاناھگاھ. سېلاھ
ئۇلار زىرائەتلىرىڭلار ۋە يېمەكلىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ، چارۋا ماللىرىڭلارنى يەپ بولىدۇ، ئۈزۈمزارلىقىڭلار ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىڭلارنى قۇرۇتۇپ تاشلايدۇ. ئۇلار سىلەر ئىشەنگەن مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭلارنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.»
ئۇسسۇزلۇقتىن چاڭقىغان بوۋاقلارنىڭ تىللىرى چاپلىشىپ قالغان تاڭلىيىغا، نان سورىسا تىلەمچىلىك قىلىپ بالىلار، بىر بۇردا نان بەرمەس ھېچكىم ئۇلارغا.
ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك، كوچا-كوچىلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا. پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى.
پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!