Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ناپاكلىق بۇلغىدى ئۇنىڭ كىيىمىنى، ئويلاپ باقمىغانىدى ئۇ ئاقىۋىتىنى. ئۇ پاجىئەلىك ھالدا ۋەيران بولدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، نەزەر سالغىن كۈلپەتلىرىمگە، ئىگە بولدى دۈشمەنلىرىم غەلىبىگە.»

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 1:9
46 Referans Kwoze  

ئەگەر ئۇلاردا ئەقىل بولسا ئىدى، ھەممىنى چۈشەنگەن، ئاقىۋىتىنى بىلگەن بولار ئىدى.


سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ. سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ، ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ.


سىئون قولىنى سوزۇپ ياردەم سورايدۇ، لېكىن ھېچكىم پەرۋا قىلماس ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگار ئەمر قىلدى قوشنا ئەللەرگە: «دۈشمەن بول» دەپ ياقۇپ نەسلىگە. يېرۇسالېم قوشنا ئەللەرنىڭ نەزىرىدە بولۇپ قالدى ئەمدى يىرگىنچلىك بىر نەرسە.


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.


نەزىرىڭدىن ئۆتكۈزگىن ئازاب ۋە دەردلىرىمنى، كەچۈرگىن ئۆزۈڭ بارلىق گۇناھلىرىمنى.


موئاب ۋە ئاممونلار تەكەببۇرلىشىپ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار جازاسىنى يەيدۇ.


موئاب خەلقى تەكەببۇرلىشىپ مەندىن يۈز ئۆرۈدى، شۇڭا ئۇلار جازا شارابىمنى ئىچىپ، مەست بولسۇن! ئۇلار ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ يېتىپ، كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسىگە قالسۇن.


كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،


يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ، يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ! چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.


نەزەر سېلىپ ئازابلىرىمغا، قۇتقۇزغىن مېنى، ئۇنتۇمىدىم مەن سېنىڭ تەلىملىرىڭنى.


چۈنكى، سوراق ۋاقتى باشلاندى. بۇ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى، يەنى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى سىناشتىن باشلىنىدۇ. ئەگەر بۇ بىز ئېتىقادچىلار ئۈچۈن قىيىن بولسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟


نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.


شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن.


ئاھ، ئالتۇن يوقاتقان جۇلاسىنى، ساپ ئالتۇنمۇ ئۆزگەرتكەن رەڭگىنى! ئىبادەتخانىنىڭ تاشلىرى چېچىلغان كوچىلارغا.


ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟


ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.


«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


ھېچكىم ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتقانلارغا تاماق ئەكېلىپ، تەسەللى بەرمەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتسىمۇ، ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن شاراب بەرمەيدۇ.


مەن سىلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقىڭلارنى كۆرگەن. مەن سىلەرنىڭ دالالاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلىقىڭلارنى، خۇددى ئەرنىڭ يات بىر ئايالنى شەھۋانىيلارچە قوغلىغىنىدەك ياكى ئايغىرنىڭ بايتالنى قوغلىغىنىدەك، بۇت ئىلاھلىرىڭلارنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلارنى كۆردۈم. ئى يېرۇسالېم، ھالىڭغا ۋاي! قاچانغىچە مۇشۇنداق بۇلغىنىپ يۈرىسەن؟»


ئاتالمىش پەيغەمبەرلەر يالغان سۆزلەيدۇ، روھانىيلار ئۆز ئىختىيارى بويىچە خەلقىنى باشقۇرىدۇ، خەلقىم شۇنى خالايدۇ. لېكىن بالايىئاپەت بېشىغا كەلگەندە ئۇلار نېمە ئىش قىلالايدۇ؟»


ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.


يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن، ئۇلارغا جاكارلىغىن: ‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى، سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى. سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»


سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»


ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟ سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟ ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!


ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۇ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن.


سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.»


ئى پەرۋەردىگار، ئىجابەت قىلمىغايسەن رەزىللەرنىڭ ئۈمىدىنى، ئەمەلگە ئاشۇرمىغايسەن ئۇلارنىڭ ھىيلىلىرىنى، بولمىسا ئۇلار چوڭ تۇتۇۋالىدۇ ئۆزلىرىنى. سېلاھ


ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. سەن ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك خۇدايىمىزدۇرسەن. ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن بېرى پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ، يەنى پۈتۈن خەلقىڭنىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سەل قارىمىغايسەن.


چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قېرى-ياش دېمەي، ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى.


بەلكىم پەرۋەردىگار قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، قارغىشنىڭ ئورنىغا بەخت ئاتا قىلىپ قالار، _ دېدى.


ئۇ پەرۋەردىگارغا قەسەم قىلىپ: _ ئى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قۇلۇڭنىڭ بەختسىزلىكىگە نەزەر سېلىپ، مېنى ئېسىڭگە ئالغايسەن، ئۇنتۇمىغايسەن! ئەگەر ماڭا بىر ئوغۇل بەرسەڭ، مەن ئۇنى ئۆمۈرلۈك ساڭا بېغىشلايمەن ۋە ئۇنىڭ بېشىغا قەتئىي ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە يول قويمايمەن، _ دېدى.


لېكىن دۈشمەنلەرنىڭ چۈشەنمەي، مازاق قىلىپ: ‹ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگار ئەمەس، بەلكى بىز مەغلۇپ قىلدۇق› دېيىشىنى خالىمىدىم.


شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا يالۋۇردۇق. ئۇ بىزنىڭ نالە-پەريادلىرىمىزنى ئاڭلىدى. قىيىنچىلىقىمىزنى، جاپالىرىمىزنى، ئېزىلگەنلىكىمىزنى كۆردى.


ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.


مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن».


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.


ئۇلار بەردى ئوزۇقلۇقۇمغا زەھەرنى، ئۇسسۇزلۇقۇمغا بۇزۇلغان شارابنى.


بېشىڭغا قوش ئاپەت كەلدى، كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇرار؟ ۋەيرانچىلىق، ھالاكەت، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ئاپىتى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشتى، كىممۇ ساڭا تەسەللى بېرەر؟


ئى پەرۋەردىگار، يادىڭدا تۇت بېشىمىزغا كەلگەنلىرىنى، كۆرۈپ قوي تارتقان خورلۇقلىرىمىزنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite