مەرسىيەلەر 1:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا. Gade chapit la |
«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.