19 ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.
سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟
پۈتۈن سىئون خەلقى نانغا زار بولۇپ، ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى ئاش تېگىشىپ يەر گۆھەرگە. سىئون نالە قىلماقتا: «ئى پەرۋەردىگار، نەزەر سال ماڭا، مەن خارلانماقتىمەن!
يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.
ئىككى قولىدىن ئېسىپ قويۇلار يولباشچىلار، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالمايدۇ ئاقساقاللار.
بىھۇدە كۈتىۋېرىپ، تالدى كۆزىمىز، دەرۋەقە، بىزگە ياردەم بېرەلمەيدىغان بىر ئەلگە ئۈمىد باغلىغان ئىكەنمىز.
بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن كارى يوق. مەن سىلەرگە دۈشمىنىڭلاردەك ھۇجۇم قىلىپ، قاتتىق جازالىدىم، چۈنكى قىلمىشلىرىڭلار ئېغىر، گۇناھلىرىڭلار كۆپتۇر.
سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىڭلار قېنى؟ قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن. ئەي يەھۇدىيە خەلقى، سىلەرنىڭ قانچە شەھەرلىرىڭلار بولسا شۇنچىلىك ئىلاھلىرىڭلار بار!
ئەي يېرۇسالېم، سەن ھالاكەتكە يۈزلەندىڭ! نېمە ئۈچۈن شۇنچە روشەن، قىپقىزىل كىيىنىۋالىسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ، كۆزلىرىڭنى بويىۋالىسەن؟ سەن بىكاردىن-بىكار ياسىنىۋاتىسەن! سېنى سۆيگەن ئىتتىپاقداشلىرىڭ ئەمدى سېنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار سېنىڭ جېنىڭغا قەست قىلماقچى.
ئاھ، بىر چاغلاردا ئادەملەرگە لىق تولغان شەھەر، ئولتۇرۇپتۇ ئەمدى پېتىپ يالغۇزلۇققا! بىر چاغلاردا ئەللەر ئارا مەشھۇر شەھەر، ئوخشاپ قاپتۇ ئەمدى پەقەت تۇل ئايالغا. بىر چاغلاردا مەلىكە ئىدى ئۇ ئۆلكىلەر ئارا، ئەمدى ئۇ ئوخشاپ قالغان يوقسۇل قۇلغا.