Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 سىئون قولىنى سوزۇپ ياردەم سورايدۇ، لېكىن ھېچكىم پەرۋا قىلماس ئۇنىڭغا. پەرۋەردىگار ئەمر قىلدى قوشنا ئەللەرگە: «دۈشمەن بول» دەپ ياقۇپ نەسلىگە. يېرۇسالېم قوشنا ئەللەرنىڭ نەزىرىدە بولۇپ قالدى ئەمدى يىرگىنچلىك بىر نەرسە.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 1:17
29 Referans Kwoze  

مەن خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان بىر ئايالنىڭ يىغىسىنى، تۇنجى بالىسىنى تۇغۇش ئۈچۈن ئىڭرىغان بىر ئايالنىڭ ئىڭرىشىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. بۇ، گۈزەل يېرۇسالېمنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قوللىرىنى كۆككە سوزۇپ، «ھالىمغا ۋاي! مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ!» دەپ يىغلىغان ئاۋازى ئىدى.


سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.


ناپاكلىق بۇلغىدى ئۇنىڭ كىيىمىنى، ئويلاپ باقمىغانىدى ئۇ ئاقىۋىتىنى. ئۇ پاجىئەلىك ھالدا ۋەيران بولدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، نەزەر سالغىن كۈلپەتلىرىمگە، ئىگە بولدى دۈشمەنلىرىم غەلىبىگە.»


ياردەم سورىدىم ئاشنىلىرىمدىن، لېكىن ئۇلار ئالدىدى مېنى. روھانىي ۋە ئاقساقاللىرىم ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھاياتىنى، نان ئىزدەپ يۈرۈپ، بەردى شەھەردە جېنىنى.


مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»


پادىشاھ زىدقىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىدا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنى قورشاپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلىدى.


ئىسرائىلىيە يۇتۇۋېلىندى، ئۇ باشقا ئەللەر ئارىسىدا كېرەكسىز قاچا-قۇچىغا ئوخشاپ قالدى.


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقى ئۆز زېمىنىدا ياشىغان مەزگىلىدە، رەزىللىكلىرى بىلەن ئۆز زېمىنىنى بۇلغىغانىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى مېنىڭ نەزىرىمدە خۇددى ھەيزدار ئاياللارنىڭ ھەيزلىرىدەك ناپاك ئىدى.


كىشىلەر ۋارقىرىشىپ ئۇلارغا: «يوقىلىش، ئەي ناپاكلار، يوقىلىش، يوقىلىش، تېگىپ كېتىشمە بىزگە!» دېيىشەر. شۇڭا سەرسان، سەرگەردان بولدى ئۇلار. يات خەلقلەرمۇ: «بۇ يەردە تۇرۇشما» دەپ ھەيدىشەر.


ئاڭلىسىمۇ كىشىلەر ھەسىرەتلىرىمنى، لېكىن ھېچكىم تەسەللى بەرمەس ماڭا. پۈتۈن دۈشمەنلىرىم بولار شاد-خۇرام سېنىڭ سالغان كۈلپەتلىرىڭدىن بېشىمغا. كەلگەي سېنىڭ ۋەدە قىلغان ھۆكۈم كۈنۈڭ، ئۇلارنىمۇ ماڭا ئوخشاش سالغايسەن ئازابقا.


يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»


بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.


خۇددى پادىچى پادىلىرى بىلەن كەلگەندەك، پادىشاھلار قوشۇنلىرى بىلەن كېلىپ، يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. ھەربىر قوشۇن ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان يەرنى ۋەيران قىلىدۇ.


ئۇلار بۇ ئازابلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ، قوللىرىنى كۆتۈرۈپ، ئىلتىجا قىلسا،


پادىشاھ سۇلايمان پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، قوللىرىنى كۆككە كۆتۈرۈپ


مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.


ئۆز خەلقىم خۇددى ياۋا ئىتلار ياكى قۇزغۇنلارغا ئوخشاش ماڭا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولجا ئىزدەپ يۈرگەن قاغا-قۇزغۇنلار ئولاشتى. پۈتكۈل ئەللەر ياۋايى ھايۋانلارغا ئوخشاش يىغىلسۇن. ئۇلار كېلىپ، بۇ خەلقىمنى يېۋەتسۇن!


يېرۇسالېم قىلىپ قاتتىق گۇناھ، بۇلغىدى ئۆزىنى. بۇرۇن ئۇنى ھۆرمەت قىلغانلار، كۆرۈپ ئەمدى شەرمەندىچىلىكىنى، كەمسىتەر ئۇنى. ئۇ ھەسرەتلىنىپ، قاچۇرار ئۆزىنى.


مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.


ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.


ئى يېرۇسالېم، كىم ساڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ كىم سەن ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ؟ كىم ئاۋارە بولۇپ ئەھۋالىڭنى سورايدۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite