16 مەن پەرياد قىلىمەن شۇڭا، كۆز ياشلىرىم سەل بولۇپ ئاقماقتا. ھېچكىم يوقتۇر تەسەللى، مەدەت بېرىشكە. پەرزەنتلىرىم قالدى تەنھا، يېگانە، چۈنكى دۈشمەن ئېرىشتى غەلىبىگە.»
يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.
ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى، نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە! كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى، كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى.
تولا يىغلاپ كۆزلىرىمنىڭ نۇرى ئۆچتى، يۈرىكىمگە پىچاق تىققاندەك باغرىم تىتىلدى. چۈنكى خەلقىم ۋەيران، بالىلار، بوۋاقلار شەھەر كوچىلىرىدا ھوشسىز ياتاتتى.
پەرۋەردىگار ماڭا، خەلقىمگە ئۆز دەردىمنى تۆكۈشنى بۇيرۇدى، شۇڭا مەن مۇنداق دېدىم: «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز توختىماي ياش ئاقتى. چۈنكى ئۆز قىزىمدەك قەدىرلىك بولغان خەلقىم جاراھەتلەندى. ئۇلار ئېغىر يارىلاندى.
ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»
خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.
گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ناپاكلىق بۇلغىدى ئۇنىڭ كىيىمىنى، ئويلاپ باقمىغانىدى ئۇ ئاقىۋىتىنى. ئۇ پاجىئەلىك ھالدا ۋەيران بولدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىدىغان ھېچكىم يوق ئىدى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دېدى: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، نەزەر سالغىن كۈلپەتلىرىمگە، ئىگە بولدى دۈشمەنلىرىم غەلىبىگە.»
چۈنكى ئۆلۈم بىزنىڭ دېرىزىلىرىمىزدىن يامىشىپ، قورغانلىرىمىزغا كىرىپ كەلمەكتە. ئۇ كوچىلاردا ئويناۋاتقان بالىلىرىمىزنى، شەھەر مەيدانلىرىدا توپلانغان ياشلىرىمىزنى ئېلىپ كەتتى.
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
مەن يەنە قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆردۈم. لېكىن ھېچكىم ئۇلارغا تەسەللى بېرەلمەيدىكەن، ئەزگۈچىلەر قۇدرەتلىك بولغاچقا ھېچكىم ئېزىلگۈچىلەرگە تەسەللى بېرەلمەيدىكەن.
قەلبىمنى زىدە قىلدى ھاقارەتلەر، قايغۇ ۋە ھەسرەتلەرگە چۆمۈلدىم. تەلمۈرسەممۇ ھېسداشلىق قىلارمۇ دەپ بىرەرى، ياكى تەسەللى بىرەرمۇ دەپ بىرەرسى، بىرەرسىمۇ چىقمىدى، يوقتۇر ھېچكىم.
مېنىڭ قايغۇ-ھەسىرەتلىرىمگە داۋا يوق! يۈرىكىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ.
رەقىبلىرى قولىدا ئېزىلدى ئۇلار، قەددىنى پۈكۈپ، بېشىنى ئەگدى ياۋلار.
ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن، مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.
ئى يېرۇسالېم، كىم ساڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ كىم سەن ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ؟ كىم ئاۋارە بولۇپ ئەھۋالىڭنى سورايدۇ؟