مەرسىيەلەر 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 بويۇنتۇرۇققا ئايلاندى گۇناھلىرىم، ئۇنى ئۆزى ياسىدى پەرۋەردىگارىم. بوينۇمغا ئېسىپ بويۇنتۇرۇقنى، قويمىدى مېنىڭ ھالىمنى. ئىگىمىز تاپشۇردى مېنى دۈشمەن قولىغا، مەن تاقابىل تۇرالمايمەن ئۇلارغا. Gade chapit la |
مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈر بويۇنتۇرۇق سالىمەن. ئاندىن ئۇلار بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە خىزمەت قىلىدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدۇ. مەن ھەتتا نىبۇكادنەزەرگە ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىمۇ بېرىمەن.»
مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.
يەرەمىيا يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا قارشى ۋەھىي يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، پادىشاھ زىدقىيا ئۇنى ئەيىبلەپ: «سەن نېمىشقا بۇنداق ئىشلار توغرىسىدا ۋەھىي يەتكۈزىسەن؟» دەپ، يەرەمىيانى قاماپ قويغانىدى. يەرەمىيا مۇنداق ۋەھىي يەتكۈزگەنىدى: «بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر: ‹مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ.