Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەرسىيەلەر 1:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 دۈشمەن ئېلىپ كەتتى سىئوننىڭ بايلىقلىرىنى. كۆردى سىئون خەلقى ياتلارنىڭ بېسىپ كىرگىنىنى ئىبادەتخانىغا _ ئىگىمىزنىڭ ياتلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن جايىغا.

Gade chapit la Kopi




مەرسىيەلەر 1:10
22 Referans Kwoze  

ئاممونلار ۋە موئابلارنى ئونىنچى ئەۋلادىغىچە پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتىگە كىرگۈزمەڭلار.


سىلەر: ‹بىز نومۇسقا قالدۇق، ھاقارەت قىلىنىپ، كەمسىتىلدۇق، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇلغاندى› دەيسىلەر.


سەرگەردانلىقنىڭ ئازابلىق پەيتلىرىدە يېرۇسالېم ئېسىگە ئالار شانلىق كۈنلىرىنى، ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە تەۋە بايلىقلىرىنى. ئۇنىڭ خەلقى چۈشكەندە دۈشمەن قولىغا، ياردەم بەرگۈدەك ھېچكىم بولمىدى ئۇلارغا. دۈشمەنلىرى كۆرگەندە يېرۇسالېمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى.


ئۇ كۈنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن يازمىلار جامائەتكە ئوقۇپ بېرىلدى. يازمىلاردا ئاممونلار ۋە موئابلارنىڭ ئىبادەتكە قاتناشسا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزمۇنلار بايقالدى.


- «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن.


سىلەر تائام ھەدىيەلىرى، قۇربانلىقلارنىڭ مايلىرى ۋە قانلىرىنى سۇنغان ۋاقتىڭلاردا، خەتنە قىلىنمىغان تەكەببۇر يات خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامغا كىرىشىگە يول قويۇپ، ئىبادەتخانامنى بۇلغىدىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلدىڭلار.


پەرۋەردىگار يەنە ئۇلارغا: «ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى ئۆلۈكلەرگە تولدۇرۇپ، ئىبادەتخانىنى بۇلغاڭلار، ھازىرلا باشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار شەھەرگە بېرىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈشنى باشلىدى.


مەن خەلقىمدىن يۈز ئۆرۈيمەن. شۇنىڭ بىلەن يات خەلقلەر مېنىڭ قەدىرلىك يېرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىدۇ ۋە قاراقچىلار ئۇنىڭغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇنى بۇلغايدۇ.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.


مەن بۇ شەھەردىكى بارلىق بايلىقلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا بېرىمەن. مەن بارلىق مەھسۇلاتلار، قىممەتلىك نەرسىلەر ۋە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار ھەممە نەرسىنى ئولجا قىلىپ، بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ.


سىلەرنىڭ بايلىق ۋە مال-مۈلكۈڭلارنى ئۇلارغا ئولجا قىلىپ بېرىۋېتىمەن. سىلەرنىڭ بۇ زېمىندا قىلغان پۈتكۈل گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن، ئۇ نەرسىلەرنى بىكارغا بېرىۋېتىمەن.


سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قىسقا ۋاقىتلا ئىگە بولدى، كېيىن دۈشمەنلىرىمىز كېلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى.


ئاڭلاڭلار! قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلار بابىلدىن سىئونغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بابىلدىن ئالغان قىساسى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋەيران قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلاردىن قىساس ئالىدۇ.


چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى.


بابىل پادىشاھى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك بۇيۇملارنى، قىممەتلىك نەرسىلەرنى، پادىشاھ خەزىنىسىدىكى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى بارلىق بايلىقلارنى، قىسقىسى ھەممىنى بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان تۈۋرۈكلەر، «دېڭىز» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقان، ئىبادەتخانىدىكى تۇچ ھارۋىلار ۋە بۇ شەھەردىكى بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا ئالدىن بېشارەت بەرگەنىدى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئىبادەتخانا، يەھۇدىيە پادىشاھى ئوردىسى ۋە يېرۇسالېمدا قالغان قىممەتلىك بۇيۇملار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite