Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 9:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يېرىشقا ۋە سۇ توشۇشقا بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن تاللانغان يەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 9:27
9 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ زېمىنلىرى ئىچىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ جايغىلا بېرىڭلار.


شۇڭا ئۇلارنى ھايات قالدۇرايلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاقساقاللار گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئوتۇن، سۇلىرىنى توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇدى.


يوشۇۋا ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بېرىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى.


لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ،


خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.


مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلقنىڭ ئولجىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنغان ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.


پەرۋەردىگار قەبىلىلىرىڭلارنىڭ بىرسىنىڭ زېمىنىدىن ئىبادەت قىلىدىغان بىر جاينى بەلگىلەپ بېرىدۇ. سىلەر پەقەت شۇ يەردىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى مېنىڭ بۇيرۇغىنىمدەك سۇنۇڭلار.


بىز لىۋان تېغىدىن سىلىگە كېرەكلىك بولغان ياغاچلارنى كېسىپ، ئۇنى سال قىلىپ، سۇ يولى بىلەن جاففاغا ئەۋەتىپ بېرەيلى. سىلى ئۇ يەردىن ئۇ ياغاچلارنى يېرۇسالېمغا توشۇۋالسىلا.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite