26 يوشۇۋا ئۇلارغا ھاياتلىق يولى بېرىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمىدى.
ھازىر بىز سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا تۇرۇپتۇق. بىزنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى توغرا تاپساڭلار، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېيىشتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يېرىشقا ۋە سۇ توشۇشقا بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن تاللانغان يەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.