Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 9:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 شۇڭا ئۇلارنى ھايات قالدۇرايلى، _ دېدى. شۇنداق قىلىپ ئاقساقاللار گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئوتۇن، سۇلىرىنى توشۇيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 9:21
9 Referans Kwoze  

بالىلار، ئاياللار ۋە ئوتۇنۇڭلارنى يېرىپ، سۈيۈڭلارنى توشۇپ، سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەرمۇ بار.


شۇ كۈندىن باشلاپ يوشۇۋا گىبئونلۇقلارنى ئىسرائىل جامائىتى ۋە قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن ئوتۇن يېرىشقا ۋە سۇ توشۇشقا بۇيرۇدى. پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن تاللانغان يەر قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلار ئاشۇ ئىشلارنى قىلىدىغان بولدى. ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.


سىلەر قارغىشقا قالىسىلەر! سىلەر ھازىردىن باشلاپ خۇدانىڭ ئىبادەت جايدا ئوتۇن ۋە سۇ توشۇيدىغان قۇل بولىسىلەر، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.


مەيلى، ئۇلار ياشاۋەرسۇن. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، قەسىمىمىزنى بۇزساق، پەرۋەردىگار بىزگە غەزەپلىنىدۇ.


دۈشمەنلەر كۈچلىنىپ ئىلگىرىلىگەندە، مىسىر يىلاندەك شىپپىدە قاچىدۇ. مىسىرلىقلار دەرەخلەرگە، دۈشمەن دەرەخ كەسكۈچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ، دۈشمەنلەر ئۇلارنى پالتا بىلەن چاپىدۇ.


سىلەر بۈگۈن ھەممىڭلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرۇپسىلەر. ئاراڭلاردا قەبىلە باشلىقلىرى، ئاقساقاللار، باشقۇرغۇچىلار، باشقا بارلىق ئىسرائىل ئەرلىرى،


يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite