2 بۇ پادىشاھلار قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، يوشۇۋا باشچىلىقىدىكى ئىسرائىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
بۇلار كارامەتلەر كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى.
ئەگەر بىراۋ ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا، بىلگىنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس، ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن.
«بۇ خەلق سۇيىقەست دېگەننى سەن سۇيىقەست دېمە، ئۇلار قورققان ئىشلاردىن سەن قورقما، ۋەھىمىمۇ قىلما.
سۆزسىزكى، يامانلار چوقۇم جازالىنار، ھەققانىيلارنىڭ ئەۋلادى قۇتقۇزۇلار.
شۇنىڭ بىلەن ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى، يەنى يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھى بىرلىشىپ قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، گىبئونغا ئاتلاندى. ئۇلار گىبئوننى قورشاپ ھۇجۇم قىلدى.
خازور پادىشاھى يابىن بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغان ھامان ئەتراپتىكى پادىشاھلارغا، يەنى مادون پادىشاھى يوبابقا، شىمرون ۋە ئاكشاف پادىشاھلىرىغا،
بۇ پادىشاھلار بىرلىشىپ، ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ، مېروم يېنىدىكى سۇ بويلىرىدا بارگاھ قۇردى.
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.