Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 8:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 سىلەر شەھەرنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە شەھەرگە ئوت قويۇڭلار. بۇ مېنىڭ سىلەرگە قىلغان ئەمرىم.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 8:8
12 Referans Kwoze  

ئابسالوم ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرىغا: _ ھوشيار بولۇڭلار، ئامنون شاراب ئىچىپ، سەل كەيپ بولغاندا، مەن: «ئامنوننى ئۆلتۈرۈڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىلىمەن. شۇ چاغدا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! قورقماڭلار، بۇنى سىلەرگە مەن بۇيرۇدۇم. دادىل ۋە جەسۇر بولۇڭلار، _ دېدى.


ئۇلار يوشۇۋاغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: _ سەن بىزگە نېمىنى بۇيرۇساڭ، بىز شۇنى بەجا كەلتۈرىمىز، نەگە ئەۋەتسەڭ شۇ يەرگە بارىمىز.


مەن ساڭا: «قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، قورقما ھەم بوشىشىپ قالما» دەپ بۇيرۇغان ئەمەسمىدىم! چۈنكى سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن پەرۋەردىگارىڭ، يەنى سەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا يار بولىمەن.


بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل.


يوشۇۋا ئاي شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇردى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى خارابە ھالەتتە تۇرماقتا.


ئاندىن كېيىن ئىسرائىللار ئېرىخا شەھىرىنى ۋە شەھەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەر ئېلىپ كېلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.


لېكىن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يېقىندىكى ئەللەرنىڭ شەھەرلىرىنى سىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىڭلارغا بەرگەندۇر. سىلەر بۇ شەھەرلەردە بىرەر جاننىمۇ تىرىك قالدۇرماڭلار.


سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.


سىلەر بۇ چاغدا يوشۇرۇنغان جايىڭلاردىن چىقىپ، شەھەرنى ئىگىلەڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ شەھەرنى قولۇڭلارغا تاپشۇرىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلار ئاي شەھىرىنىڭ غەربىگە _ بەيتەل شەھىرى بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىدا بۆكتۈرمە قويۇپ، ئاشۇ يەرگە يوشۇرۇندى. يوشۇۋا تۈننى لەشكەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.


بۇ چاغدا، شەھەرنى ئىگىلىگەن ئىسرائىل قوشۇنى شەھەردىن چىقىپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە قارشى ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئالدى-كەينىدىكى ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۇلاردىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى ۋە بىرەرسىمۇ ئامان قالمىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلار شەھەرنىڭ غەربىگە مۆكتۈرۈلدى. يوشۇۋا شۇ كېچىنى جىلغىدا ئۆتكۈزدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite