Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 8:33 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

33 بارلىق ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئاقساقاللار، يېتەكچىلەر، سوتچىلار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يات خەلقلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا يۈزلىنىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ يېرىمى گىرىزىم تېغىغا، قالغان يېرىمى ئېبال تېغىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇردى. بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھايات ۋاقتىدا: «ئىسرائىل خەلقىگە بەخت تىلەڭلار» دېگەن كۆرسەتمىسى بويىچە بولدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 8:33
22 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى ئاشۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن باشلاپ كىرگەندە، گىرىزىم تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ بەختكە ئېرىشتۇرىدىغانلىقىنى، ئېبال تېغىدا تۇرۇپ نېمىنىڭ قارغىشقا قالدۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاڭلار.


ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن.


مۇسا بۇ قانۇننى ئۆزى پۈتۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلارغا بەردى.


يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى.


خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرىدىغان لاۋىيلارغا مۇنداق دەپ بۇيرۇدى:


مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلسۇن.


ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.»


مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى مانا شۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلسۇن.


يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن قېرىپ قالدىم،


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن بۇيرۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتتى.


شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى.


مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، ياكى ئىسرائىللار بولسۇن، بۇ قانۇن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.


شۇڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئەجدادلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەپ چىڭ تۇرىسىلەر، - دېدى ئايال.


ئىسرائىللار ۋە ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە ئوخشاشتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. يات خەلقلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite