Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 8:29 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

29 يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 8:29
14 Referans Kwoze  

ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.


ھەمدە جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى.


ھىرود خۇداغا تەئەللۇق شان-شەرەپنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، خۇدانىڭ پەرىشتىسى شۇئان ئۇنى ئۇردى. نەتىجىدە، ئۇ قۇرتلاپ ئۆلدى.


ئى پەرۋەردىگار، تۇرار ئىگەم سېنىڭ ئوڭ تەرىپىڭدە، پادىشاھلارنى بىتچىت قىلار غەزىپىنى كۆرسەتكەن كۈنىدە.


ياۋ ھۆكۈمدارلىرىنى شەرمەندە قىلىپ پەرۋەردىگار، ئۇلارنى دەشت-چۆل، باياۋاندا سەرسان قىلار.


شۇنىڭ بىلەن موردىكاي سانجىلماقچى بولغان خادىغا ھاموننىڭ ئۆزى سانجىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىشاھنىڭ غەزىپى بېسىلدى.


بۇ چاغدا، گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


پەرۋەردىگار لىبناھ شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئىسرائىللار بۇ شەھەرنىڭ بارلىق ئادەملىرىنى بىرنىمۇ تىرىك قالدۇرماي، قىلىچ بىلەن ھەممىسىنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلىدى. ئۇلار بۇ شەھەرنىڭ پادىشاھىنىمۇ خۇددى ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش ئۆلتۈردى.


ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.


ئېرىخا پادىشاھى بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى


پەقەت ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite