Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 8:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 يوشۇۋا ئاي شەھىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇردى. بۇ شەھەر شۇنىڭدىن بېرى خارابە ھالەتتە تۇرماقتا.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 8:28
11 Referans Kwoze  

شەھەردىكى مال-مۈلۈكلەرنى شەھەر ئوتتۇرىسىغا توپلاپ، ئۇلارنى ۋە پۈتۈن شەھەرنى كۆيدۈرۈپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. شەھەر مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلسۇن، قايتا بىنا قىلىنمىسۇن.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


يىراق ئەللەردىن كېلىپ، بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار! بابىلنى خارابە دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىڭلار! ھېچكىمنى ھايات قالدۇرماڭلار!


مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»


سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ، مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى، يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.


بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!


سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.


يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.


يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.


يوقىتىشقا تېگىشلىك ھېچقانداق بىر نەرسىنى ساقلاپ قالماڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىدىن يېنىپ، سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە سىلەرنى كۆپەيتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite