26 يوشۇۋا ئاي شەھىرىدە ياشايدىغان بارلىق خەلق تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە نەيزىسىنى قولىدىن چۈشۈرمىدى.
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
شۇنداق قىلىپ، يوشۇۋا ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىرغىن قىلىپ، ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.
ئۇ ۋاقىتتا بىز سىخوننىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، شەھەرلەردىكى ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈردۇق، بىرىمۇ تىرىك قالمىدى.
گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،