24 ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى.
ئىسرائىللار پادىشاھ سىخوننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، مۇداپىئەسى زىچ بولغان ئاممونلارنىڭ چېگراسىغىچە يېتىپ باردى.
پەقەت ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
شۇ كۈنى ئاي شەھىرىنىڭ بارلىق خەلقى قىرغىن قىلىندى. ئۇلار ئەر-ئايال بولۇپ 12 مىڭ ئادەم ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى.