Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 8:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 پەقەت ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھىلا تىرىك ھالدا يوشۇۋانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 8:23
7 Referans Kwoze  

ئۇ ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تىرىك تۇتۇپ، قالغان پۈتۈن خەلقىنى تەلتۆكۈس يوقاتتى.


دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى.


يوشۇۋا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھىنىڭ ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىدىن تېپىلغانلىقىنى ئاڭلاپ،


يوشۇۋا ئاي پادىشاھىنىڭ جەسىتىنى گۇگۇم چۈشكۈچە دەرەخكە ئاستۇرۇپ قويدى. قۇياش پاتقاندا جەسەتنى دەرەختىن چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا تاشلىدى ۋە ئۈستىگە تاش دۆۋىلەپ قويدى. بۇ تاش دۆۋىسى شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا.


بۇ چاغدا، شەھەرنى ئىگىلىگەن ئىسرائىل قوشۇنى شەھەردىن چىقىپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە قارشى ئاتلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئالدى-كەينىدىكى ئىسرائىل قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالدى. ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدا ئۇلاردىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى ۋە بىرەرسىمۇ ئامان قالمىدى.


ئىسرائىللار دالادا ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلىغاندىن كېيىن، ئاي شەھىرىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قېلىپ قالغانلارنى قىرىپ تاشلىدى.


يوشۇۋا ئادەملىرىگە بۇيرۇپ: _ ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ، بەش پادىشاھنى ئېلىپ كېلىڭلار! _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite