19 يوشۇۋا شۇنداق قىلغان ھامان، بۆكتۈرمىدىكى قوشۇن يوشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ، شەھەرگە يوپۇرۇلۇپ كىردى. ئۇلار تېزلىكتە شەھەرنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا ئوت قويدى.
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
ئاي شەھىرىنىڭ لەشكەرلىرى ئارقىسىغا قارىۋىدى، شەھەردىن چىققان ئىس-تۈتەكنى كۆردى. ئۇلارنىڭ يا ئۇ ياققا، يا بۇ ياققا قېچىش ئىمكانىيىتى قالمىغانىدى، چۈنكى دالاغا قېچىۋاتقان ئىسرائىللار ئەمدى كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇلارغا قارشى ئاتلانغانىدى.
شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئىسرائىللار ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىپ، بائال-تامار دېگەن يەردە سەپ تۈزۈشتى. بۆكتۈرمىدە ياتقان ئىسرائىللارمۇ ئورۇنلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىشتى.
شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى.
سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.