17 ئاي شەھىرى ۋە بەيتەل شەھىرىدە ئىسرائىللارنى قوغلىمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاپ، شەھەرنى قۇرۇق تاشلاپ قويدى.
ئۇ ئەقىللىقلارنى ئۆزىنىڭ ھىيلىسى بىلەن بابلاپ، مەككارلارنى نائۈمىد قويىدۇ.
پەرۋەردىگار بۇ پادىشاھلارنى جاھىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسرائىللار بىلەن ئۇرۇش قىلىشتى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەھىم قىلماي تەلتۆكۈس يوقاتتى.
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ۋە پۈتۈن قوشۇن ئاي شەھىرىگە ھۇجۇمغا ئاتلاندى. يوشۇۋا 30 مىڭ لەشكەرنى تاللاپ، ئۇلارنى تۈندە يولغا سالدى.
لېكىن خەشبوننىڭ پادىشاھى سىخون زېمىنىدىن ئۆتۈشىمىزگە رۇخسەت قىلمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سىخوننى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرماقچى بولغاچقا، ئۇنى جاھىل ۋە تاش يۈرەك قىلىپ قويغانىدى. كېيىن ئۇنى ھەقىقەتەن قولىمىزغا تاپشۇردى.
شەھەردىكى ھەممە ئادەم ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاۋېرىپ، شەھەردىن يىراقلىشىپ كەتتى.
بۇ چاغدا پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا: _ سەن قولۇڭدىكى نەيزىنى ئاي شەھىرىگە تەڭلىگىن، مەن شەھەرنى سىلەرگە بەردىم، _ دېدى. يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
ئۇلار بىنيامىنلارنى شەھەردىن ئالداپ چىقىرىشتى. بىنيامىنلار ئاۋۋالقىغا ئوخشاش بەيتەلگە بارىدىغان يول بىلەن گىبئاھقا بارىدىغان يولدا ۋە دالادا جەڭ باشلاپ، ئىسرائىللاردىن ئوتتۇزدەك ئادەمنى ئۆلتۈردى.