15 يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى مەغلۇپ بولغان ھالەتكە كىرىۋېلىپ، دالاغا قاراپ قاچتى.
بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بىنيامىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ جەرياندا يەنە مۇنداق ئىشلار يۈز بەردى: ئىسرائىللار گىبئاھ ئەتراپىغا بۆكتۈرمىگە قويغان ئادەملىرىگە ئىشەنچ قىلىپ، بىنيامىنلارنى ئالداپ، تۇرغان يېرىدىن چېكىنىشتى.
يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار: بۇ زېمىنلارنىڭ جەنۇبىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىدىكى ئېرىخا شەھىرىدىن، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇلاقلىقتىن باشلىنىپ، چۆل-باياۋانلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايوندىكى بەيتەل شەھىرىگىچە سوزۇلىدۇ.
چۆلدىكى شەھەرلەر: بەيت-ئارابا، مىددىن، سىكاكا،
ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بۇرۇن ئۇرۇشقان جايغا بېرىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىسرائىللاردىن قېچىپ چۆلگە قاراپ چېكىنىشكە باشلىدى، بىراق ئۇلار قېچىپ قۇتۇلالمىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئەتراپتىكى شەھەرلەردىن چىقىپ ئۇلارنى قىرغىن قىلدى.