Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 8:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئاي شەھىرىنىڭ پادىشاھى شەھەرنىڭ شىمالىدىكى قوشۇننى كۆرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئالدىراپ-تېنەپ شەھەردىن چىقىپ، ئىئوردان ۋادىسىدىكى بۇرۇن ئۇرۇشقان جايغا بېرىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. ئەمما ئۇ شەھەرنىڭ كەينىدىكى بۆكتۈرمىدە قوشۇن بارلىقىنى بىلمەيتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 8:14
15 Referans Kwoze  

تۇيۇقسىز كەلگەن توپان كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلغۇچە، كىشىلەر بۇ ئىشنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن خەۋەرسىز بولغانغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ.


ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.


خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ،


ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى!


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ، مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ، مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.


زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق، پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ: «مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.» ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!


ھېچكىم ئەجەلنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. خۇددى تورغا كىرىپ قالغان بېلىقتەك، تۇزاققا چۈشۈپ قالغان قۇشتەك، ئىنسانمۇ تۇيۇقسىز كەلگەن بالا-قازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.


شەھەردىكى ھەممە ئادەم ئۇلارنى قوغلاشقا چاقىرىلدى. ئۇلار ئىسرائىللارنى قوغلاۋېرىپ، شەھەردىن يىراقلىشىپ كەتتى.


مەن قالغان ئادەملەر بىلەن شەھەرگە يېقىنلاپ كېلىمەن. خۇددى بىرىنچى قېتىمقىغا ئوخشاش، ئۇلار شەھەردىن چىقىپ بىزگە ھۇجۇم قىلغاندا، بىز ئۇلاردىن قاچىمىز.


تۆۋەندىكىلەر مۇسانىڭ پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. ئەينى چاغدا ئىسرائىللار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى چۆلدە بولۇپ، بۇ يەر سۇفنىڭ قارشىسىدىكى پاران، توفەل، لابان، خازېروت ۋە دىزاھاب شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.


شۇنداق قىلىپ، ئاساسلىق قوشۇن شەھەرنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قالغانلار شەھەرنىڭ غەربىگە مۆكتۈرۈلدى. يوشۇۋا شۇ كېچىنى جىلغىدا ئۆتكۈزدى.


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى مەغلۇپ بولغان ھالەتكە كىرىۋېلىپ، دالاغا قاراپ قاچتى.


شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite