Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 7:9
19 Referans Kwoze  

سەن نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارنىڭ «ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا ھالاك قىلىش، يەر يۈزىدىن يوق قىلىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشىگە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن.


دەيدۇ ئۇلار: «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئىسرائىللارنى، ئېلىنمىسۇن ئىككىنچى ئېغىزىمىزغا ئۇلارنىڭ نامى.»


ئاتا، ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكىن! شۇ ۋاقىتتا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: - ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرسەتتىم ۋە يەنە كۆرسىتىمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


لېكىن مەن نام-شەرىپىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ كۆز ئالدىدا بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن نىيىتىمدىن ياندىم. چۈنكى ئۇ خەلقلەر مېنىڭ ئىسرائىللار ئالدىدا ئايان بولغانلىقىمنى ۋە ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىمنى بىلەتتى.


مىسىرلىقلار: ‹ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ۋەدە قىلغان زېمىنىغا ئېلىپ بارالماپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەچكە، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چۆلگە ئېلىپ بېرىپتۇ!› دېمىسۇن.


مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتسەڭ، مىسىرلىقلار بۇ ئىشتىن چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ! ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ.


ئى ئىگەم! ئىسرائىللار دۈشمەندىن يېڭىلىپ، قېچىپ كەلدى. ئەمدى مەن نېمە دېيەلەيمەن؟


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟


پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نامىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆز خەلقىنى تاشلىمايدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆز خەلقى قىلىشقا ئىرادە قىلغاندۇر.


ساڭا بېغىشلانغان مەدھىيەلەر، ئى خۇدا، خۇددى نامىڭدەكلا تارالدى كەڭ جاھانغا.


ئى نىجاتكارىمىز پەرۋەردىگار، شۆھرىتى ئۈچۈن نامىڭنىڭ، بولغىن بىزگە مەدەتكار. كەچۈرگەيسەن گۇناھىمىزنى، نامىڭ ئۈچۈن قۇتقۇزغىن بىزنى.


ئۇلار بىرگە مەسلىھەتلەر قىلىشماقتا، ساڭا قارشى ئىتتىپاقمۇ تۈزۈشمەكتە.


بولمىسۇن بىزگە ئى پەرۋەردىگار، بولمىسۇن بىزگە، بولسۇن مەنسۇپ شان-شۆھرەت پەقەت ئۆزۈڭگە، چۈنكى مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ۋە چەكسىز ساداقىتىڭنى كۆرسەتتىڭ بىزگە.


ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite