4 شۇنىڭ بىلەن ئاي شەھىرىگە ئىسرائىللاردىن تەخمىنەن ئۈچ مىڭ ئادەملا باردى. بىراق ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ قوغلىۋەتتى.
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.
لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ.
سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ. سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك، ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»
ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟
ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىگىلىگىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن!
قايتۇردۇڭ ئۇنىڭ قىلىچىنىڭ بىسىنى، جەڭلەردە مەغلۇپ قىلدىڭ ئۇنى.