Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 7:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونىنى، تۆت قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 7:21
35 Referans Kwoze  

بۇنداق ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا باشلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.


كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى


نەزىرىمنى يىراق قىلىپ ساختىلىقتىن، ئۆز يولۇڭ بىلەن مېنى روھلاندۇرغىن.


ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى.


ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. بۇتلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە كۆز قىزارتماڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلىۋالماڭلار. چۈنكى بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەر سىلەرنى تۇزاققا چۈشۈرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇلاردىن يىرگىنىدۇ.


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


ئاچكۆز ئالدىرار باي بولۇشقا، بىلمەي قالار ئۇ يوقسۇللۇق چۈشۈشىنى ئۆز بېشىغا.


بىر كۈنى كەچقۇرۇن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوردىنىڭ ئۆگزىسىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ناھايىتى چىرايلىق بىر ئايالنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.


«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.


ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى، شۇنداقلا ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ.


چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ.


ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە قەتئىي يول قويۇلمىسۇن. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ماس كەلمەيدۇ.


چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!


ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»


سىلەر مۇنداق دەيسىلەر: «بىز ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق، بىز گۆر بىلەن توختاملاشتۇق. دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە، بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ. بىز يالغانچىلىق بىلەن قوغدىنىمىز، بىز چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى يوشۇرىمىز.»


شاراپنىڭ قىزىللىقىغا، جامدىكى جۇلاسىغا قارىما، گېلىڭدىن شۇنداق سىلىق ئۆتكەنلىكىگە مەپتۇن بولما.


پاك تۇت بار كۈچۈڭ بىلەن قەلبىڭنى، ئۇ ھايات بۇلىقىدۇر چۈنكى.


«مەن قىز-ئاياللارغا شەھۋانىيلارچە قارىمايمەن، دەپ كۆزلىرىم بىلەن ئەھدە تۈزدۈم.


باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئايالى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.


بابىل پادىشاھلىقىنىڭ زېمىنىدا بابىل، ئەرەك، ئاككاد، كالنېھ دېگەن شەھەرلەر بار ئىدى.


ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


يوشۇۋا ئاكاننىڭ چېدىرىغا ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار تېز بېرىپ، ئاكاننىڭ چېدىرىدىن يوشۇرۇلغان نەرسىلەرنى تاپتى، كۈمۈشمۇ شۇ نەرسىلەرنىڭ ئاستىدا ئىدى.


تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەر بارگاھقا يېقىنلاپ بېرىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، تىقىپ قويدى.


قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى.


ھارام مال-دۇنياغا ھېرىس ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئالىدۇ بۇ ھارام مال-دۇنيا ئۇلارنىڭ جېنىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite