20 ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.
ئىقرار قىلىپ گۇناھىمغا، پۇشايمان قىلدىم خاتالىقىمغا.
- مەن بىگۇناھ بىر جانغا زامىن بولۇپ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، - دېدى. - بۇ سېنىڭ ئىشىڭ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز؟ - دېيىشتى ئۇلار.
ئۇ خۇشاللىقىدىن كىشىلەر ئالدىدا ناخشا ئېيتىپ: ‹مەن گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ كەتكەن بولساممۇ، خۇدا مېنى گۇناھىمغا لايىق جازالىمىدى،
ئىنسانلارنى كۆزەتكۈچى ئى خۇدا، گۇناھ قىلغان بولسام، بۇ ساڭا زىيان سالدىمۇ؟ نىچۈن مېنى ئوقۇڭغا نىشان قىلدىڭ؟ ئەجەبا مەن ساڭا يۈك بولۇپ قالدىممۇ؟
سائۇل: _ مەن گۇناھكارمەن، شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، خەلقىمنىڭ ئاقساقاللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىلىپ، مەن بىلەن بىرگە قايتىڭ. مەن پەرۋەردىگار خۇداغا ئىبادەت قىلاي، _ دېدى.
سائۇل: _ مەن گۇناھ ئۆتكۈزدۈم! مەن خەلقتىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ۋە سىزنىڭ سۆزىڭىزگە خىلاپلىق قىلدىم.
بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى: _ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.
شۇڭا پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن.
ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز بىر ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۈگۈن بىز بۇ جازاغا دۇچار بولدۇق! ئەينى چاغدا بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، يالۋۇرۇشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. ئەمدى بىز بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى.
يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.
مەن ئۇرۇشتا ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە بابىلنىڭ بىر چىرايلىق تونىنى، تۆت قاداق كۈمۈش ۋە ئېغىرلىقى بىر قاداقتىن ئاشىدىغان چوكا ئالتۇننى كۆرگىنىمدە، ئۇلارنى ئېلىۋالغۇم كەلدى. ئۇلار ھازىر چېدىرىمنىڭ ئىچىدە كۈمۈش بىلەن بىرگە يەرگە كۆمۈكلۈك.
پىرئەۋن دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ: _ بۇ قېتىم مەن خاتا قىلدىم، خەلقىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر.
بۇ ئەتىر جىق پۇلغا يارايتتى. ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشتى.