Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇ زېمىنغا بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 7:2
18 Referans Kwoze  

بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار، لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن. گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن، بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن.


شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.


فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بار، مەسلىھەتچى كۆپ بولغاندا غەلىبىلىك بولار.


پىلان مۇقىم بولار مەسلىھەت بىلەن، جەڭ قىل ئاقىلانە مەسلىھەت بىلەن.


كېيىن ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار. بىلىمسىز نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار.


بىنيامىن ئەۋلادلىرى گەبا، مىكماس، ئايياھ، بەيتەل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا،


ئېرىخا پادىشاھى بەيتەلنىڭ يېنىدىكى ئاي پادىشاھى


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.


بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.


ئۇلار قايتىپ كېلىپ، يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئاي شەھىرىنىڭ ئادىمى ئاز ئىكەن، شۇڭا بارلىق ئادىمىمىزنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن، پەقەت ئىككى-ئۈچ مىڭ ئادەم بارسىلا ئۇ شەھەرنى ئىگىلىگىلى بولغۇدەك. ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى بېرىپ، ئاۋارە بولمىسۇن!


ئۇ ئولجىلاردىن بەيتەل، يەھۇدا زېمىنىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان راموت، ياتتىر،


ئەي خەشبونلۇقلار، نالە-پەرياد قىلىڭلار، چۈنكى ئاي شەھىرى ۋەيران قىلىندى. ئەي رابباھ خەلقى، يىغلاڭلار. ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ قايغۇرۇڭلار. سېپىللار ئارىسىدا ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈگۈرۈڭلار، چۈنكى بۇت ئىلاھىڭلار مولەك روھانىيلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


ئۇ موزاي بۇتنىڭ بىرىنى بەيتەل شەھىرىگە، يەنە بىرىنى دان شەھىرىگە قويغۇزدى.


ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ، مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite