Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 7:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 7:19
25 Referans Kwoze  

سىلەر جەزمەن ئۆسمىلەر ۋە يۇرتۇڭلاردا ۋەيرانچىلىق چىقارغان چاشقانلارنىڭ ھەيكەللىرىنى قۇيدۇرۇڭلار ۋە شۇ تەرىقىدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىغا ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار. ئەنە شۇنداق قىلساڭلار، بەلكىم ئۇ سىلەرگە، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا كەلگەن بالايىئاپەتنى توختىتار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ، قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت خىرەلەشكەن قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر.


پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى.


دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا ئىقرار قىلدىم: «ئى پەرۋەردىگارىم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.


خىزكىيا پەرۋەردىگار ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن ئىش قىلغان بارلىق لاۋىيلارنى ماختىدى. جامائەت ھېيت زىياپىتى بىلەن يەتتە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ، ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا شۈكۈر ئېيتىشتى.


سائۇل يوناتانغا: _ سەن ماڭا نېمە گۇناھ قىلغانلىقىڭنى ئېيتقىن، _ دېدى. يوناتان: _ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى.


روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ


ئىنسانلار دەھشەتلىك ئىسسىقتا ئۆرتەلدى. بىراق، ئۇلار توۋا قىلىش ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قارغاشتى.


چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر.


ياشانغان ئەرلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ئېتىقادتا ساپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سەۋر-تاقىتى تولۇپ تاشقان بولۇشقا چاقىرغىن.


رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ.


چۈنكى، ئىنسان چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.


يەھۇدىي بولمىغان بۇ سامارىيىلىكتىن باشقا، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى يوقمۇ؟! - دېدى.


ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.


بەرھەق، مېنىڭ ئىقرارىم بار قىلمىشىمغا، گۇناھلىرىم تۇرار دائىم كۆز ئالدىمدا.


ئاكان ئىقرار قىلىپ يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ راست ئېيتتىڭ، مەن ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


يەشايا پەيغەمبەر يەنە: _ ئۇلار ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى. پادىشاھ خىزكىيا: _ ئۇلار ئوردامدىكى ھەممە نەرسىلەرنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite