Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 7:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئورنۇڭدىن تۇر! ئەمدى ئىسرائىل خەلقىنى پاكلا. ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئەتىكى كۈن ئۈچۈن تەييارلاپ، پاكلاڭلار. پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئەي ئىسرائىللار، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تىقىۋالدىڭلار! سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يوقاتمىغۇچە دۈشمىنىڭلارغا تاقابىل تۇرالمايسىلەر!› دەيدۇ» دە.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 7:13
13 Referans Kwoze  

كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.


ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.


ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتماي، ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى.


سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئېلىۋالغۇچى بولماڭلار. ئەگەر سىلەر ئۇ نەرسىلەرنى يوقاتماي، قارارگاھىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭلار، ئىسرائىللارغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىسىلەر.


سىلەر ئەمدى يېرۇسالېمدىن، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەدىن ئەسىر ئېلىنغان ئەر-ئاياللارنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلماقچىمۇ؟


قىرغىنچىلىقتىن كېيىن ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى.


ئەگەر سىلەرنى قېرىندىشىڭلار، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، سۆيۈملۈك ئاياللىرىڭلار ياكى ئەڭ يېقىن دوستۇڭلار سىلەرمۇ ۋە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىلاھلارغا يوشۇرۇنچە قىزىقتۇرۇپ: «بىز باشقا ئىلاھلارنى ئىزدەيلى، ئۇلارغا چوقۇنايلى» دېسە،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite