10 پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ ئورنۇڭدىن تۇر! سەن نېمە ئۈچۈن يۈزۈڭنى يەرگە يېقىپ، دۈم ياتىسەن؟
پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.
سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇق قىل.
يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلەرمۇ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن.
بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟
ئىسرائىللار ئۆزلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار يالغانچىلىق قىلىپ، ماڭا ئاتالغان نەرسىلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتماي، ئۆز بىساتىغا قوشۇۋېلىپ، خىيانەت قىلدى.
پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: