Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 قوراللانغان لەشكەرلەر بۇرغا چالغان روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى، بۇرغا توختىماي چېلىندى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:9
6 Referans Kwoze  

يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ماڭدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىندى، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


شۇنداق قىلساڭلار، تاڭ نۇرى سىلەرنى يورۇتۇپ، تېزلىكتە شىپالىق تاپاتتىڭلار. ھەققانىيلىقىڭلار ئۆز ھەمراھىڭلار بولۇپ، سىلەرنى يېتەكلەپ ماڭغان بولاتتى، پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرنىڭ ئارقا تىرىكىڭلار بولاتتى.


ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى.


يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭىدىغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.


يوشۇۋا خەلققە مۇنداق ئەمر قىلغانىدى: «ئاۋاز چىقارماڭلار، سۈرەن سالماڭلار. مەن ۋارقىراڭلار دېمىگۈچە، زۇۋان سۈرمەڭلار. ئەمر چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋارقىراڭلار.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite