Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ: _ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:7
5 Referans Kwoze  

ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40‏ مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.


سەن لەشكەر تارتىپ، سېپىلنى كۈنىگە بىر قېتىمدىن، جەمئىي ئالتە كۈن ئايلىنىپ چىققىن.


شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.


يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭىدىغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite