Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:6
11 Referans Kwoze  

شۇ چاغلاردا، سائۇل رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا داۋاملىق ئۆلۈم تەھدىتى سېلىۋاتاتتى. ئۇ باش روھانىينىڭ ئالدىغا بېرىپ،


يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ماڭدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىندى، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.


يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭىدىغان يەتتە روھانىي ئالغا قاراپ ماڭدى. ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلار ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى.


ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.


خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.


سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.


ئاندىن يوشۇۋا خەلققە ئەمر قىلىپ: _ ئاتلىنىڭلار! قوراللانغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن، شەھەر سېپىلىنى ئايلىنىڭلار.


مەغلۇپ بولغان لەشكەرلەر بارگاھقا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى: _ نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگار بۈگۈن بىزنىڭ فىلىستىيەلىكلەرگە مەغلۇپ بولۇشىمىزغا يول قويدى؟ پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى شىلودىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلەيلى، ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا بولسا، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن قۇتقۇزىدۇ، _ دېدى.


سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite