Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:5
17 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسرائىللار يەتتە كۈن ئېرىخا شەھەر سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن، سېپىل ئۆرۈلدى.


بۇ چاغدا بۇرغىنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى.


يەھۇدا قەبىلىسىدىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا قەبىلىلىرىدىن كەلگەن لەشكەرلەر ھۇررا دەپ توۋلىشىپ، فىلىستىيەلىكلەرنى گات ۋە ئەقرون قوۋۇقىغىچە قوغلاپ باردى. ئۆلتۈرۈلگەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى شائارايىمدىن گات ۋە ئەقرونغىچە بولغان يول ياقلىرىدا ياتاتتى.


داۋۇت ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، قويلىرىنى باشقا بىر پادىچىغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئاتىسى يىشاينىڭ تاپىلىغىنى بويىچە يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇ بارگاھقا كەلگەندە، ئىسرائىللار قوشۇنى جەڭگە ماڭغان بولۇپ، ھەممەيلەن چۇقان كۆتۈرۈۋاتاتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن چۇقان كۆتۈرۈشتى.


روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى.


يەتتىنچى قېتىملىق ئايلىنىشتا روھانىيلار بۇرغىنى چالغان چاغدا، يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دەپ بۇيرۇق بەردى: _ ۋارقىراڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى سىلەرگە ئاتا قىلدى.


ھەر تەرەپتىن شەھەرگە قارشى جەڭگە چاقىرىڭلار. ئۇ تەسلىم بولىدۇ. ئۇنىڭ مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، سېپىللىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. چۈنكى مەن پەرۋەردىگار قىساس ئېلىۋاتىمەن، شۇڭا سىلەر ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار! ئۇ باشقىلارغا قانداق قىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قىلىڭلار!


سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ.


ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.


يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن بۆكتۈرمىدىكىلەر گىبئاھقا بۆسۈپ كىردى. ئۇلار كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنى قىلىچ بىلەن قەتل قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite