Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ كەلمەكتە.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:25
11 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟


سالمون راھابتىن تۇغۇلغان بوئازنىڭ ئاتىسى، بوئاز رۇتتىن تۇغۇلغان ئوبىدنىڭ ئاتىسى، ئوبىد يىشاينىڭ ئاتىسى،


(ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.)


پەرۋەردىگاردىن نىجاتلىق تىلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.Œ»


يوشۇۋامۇ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار توختىغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرگە 12 تاش تىزىپ قويدى. بۇ تاشلار شۇنىڭدىن بېرى ئاشۇ جايدا شۇ پېتى تۇرماقتا.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.


ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە: _ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق.


بىز بۇ يەرگە قايتا كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite