Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:23
15 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، نۇھ پەيغەمبەر تېخى كۆرۈلۈپ باقىمغان ۋەقەلەر ھەققىدە خۇدا تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغاندا، خۇدانىڭ سۆزىگە ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر كېمە ياسىدى. ھەمدە ئېتىقادى ئارقىلىق دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى.


ئۇ چاغلاردا، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەس ئىدىڭلار، شۇنداقلا خۇدانىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللار قاتارىدىمۇ ئەمەس ئىدىڭلار، خۇدا ئۆز خەلقىگە ۋەدە قىلغان ئەھدىنىڭ سىرتىدا تۇراتتىڭلار ھەمدە خۇدانى تونۇماي، ئۈمىدسىز ياشايتتىڭلار.


چۈنكى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلەرنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ نېمە ھوقۇقىمىز بار؟ ئۇلارنى خۇدا ئۆزى سوراق قىلىدۇ. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزالىرىنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ ھوقۇقىمىز بار. شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يامانلىق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىڭلار.»


پەرىشتە ماڭا: «پاۋلۇس، قورقما! سەن خۇداغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن، رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئالدىغا بېرىشىڭ كېرەك. مېھرىبان خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلىپ، سەن بىلەن بىللە سەپەر قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىدۇ!» دېدى.


ئۇلارغا: - سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىمىز ئەنئەنىۋى قائىدىمىزگە خىلاپ، ھەتتا ئۆيلىرىڭلارغا كىرسەكمۇ بولمايدۇ. لېكىن، خۇدا ماڭا بىر ۋەھىي ئارقىلىق ھەرقانداق كىشىنى ناپاك دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.


ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن.


ئەگەر شەھەردە 50 ھەققانىي ئادەم بولسا، سەن ئۇلارنى ساقلاپ قالماي، يەنىلا پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟


«مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى چوڭ بىر خەلق قىلىمەن. مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، سەن بەخت مەنبەسى بولىسەن.


بىز بۇ يەرگە قايتا كەلگەندە، سەن چوقۇم بۇ قىزىل ئارغامچىنى بىزنى چۈشۈرۈپ قويغان دېرىزىگە باغلاپ قويغىن. سەن ئاتا-ئاناڭ، ئاكا-ئۇكىلىرىڭ ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىڭنى ئۆز ئۆيۈڭگە جەم قىلغىن.


بىراق خۇدا لۇت ياشىغان شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغاندا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغانىدى.


ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتسەڭلار، قوغلاۋاتقانلار سىلەرنى تاپالمايدۇ. سىلەر شۇ يەردە ئۈچ كۈن يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار. ئۇلار شەھەرگە قايتقاندىن كېيىن، ئاندىن يولغا چىقىڭلار.


ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite