Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 يوشۇۋا ھېلىقى ئىككى چارلىغۇچىغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر پاھىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭغا بەرگەن قەسىمىڭلار بويىچە، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ كېلىڭلار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:22
13 Referans Kwoze  

ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ پادىشاھ بابىلدا، يەنى ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن بابىل پادىشاھىنىڭ شەھىرىدە ئۆلىدۇ. چۈنكى ئۇ قىلغان قەسىمىگە ۋاپا قىلماي، بابىل پادىشاھى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزدى.


بابىل پادىشاھى يەھۇدىيەنىڭ خان جەمەتىدىكىلەردىن بىرىنى تاللاپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەھدە تۈزدى ۋە ئۇنى ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىشقا قەسەم قىلدۇردى. بابىل پادىشاھى يەھۇدىيەنىڭ باشقا يېتەكچىلىرىنىمۇ ئەسىرگە ئېلىپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.


پەسكەشلەردىن يىرگىنىدىغانلار، تەقۋادارلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، زىيان تارتسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلار.


پادىشاھ داۋۇتنىڭ سائۇلنىڭ نەۋرىسى، يەنى يوناتاننىڭ ئوغلى مىفىبوشەتكە ئىچى ئاغرىدى. چۈنكى ئۇ سائۇلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن دوستلىشىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىشكەنىدى.


گىبئونلۇقلار ئامورلارنىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىسرائىللاردىن ئەمەس ئىدى. ئىسرائىللار ئىلگىرى ئۇلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە قەسەم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سائۇل ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن قىزىققانلىق قىلىپ، گىبئونلۇقلارنى يوقاتماقچى بولغانىدى. پادىشاھ داۋۇت گىبئونلۇقلارنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇلاردىن:


شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان بۇ خىۋلار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەت بەردى. ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئاقساقاللىرىمۇ بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلۇپ قەسەم قىلىشتى.


ئۇلار ئىككىسى راھابنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىنىڭ سىرتىدىكى بىر بىخەتەر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.


ئۇ كىشى ئۇلارغا يولنى كۆرسىتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئەفرايىم ۋە ماناسسە قەبىلىلىرى شەھەردىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنى قىرىپ تاشلاپ، پەقەت ھېلىقى ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىلا ھايات قالدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite