20 روھانىيلار بۇرغا چالغاندا، خەلق ۋارقىرىدى. بۇرغا ساداسى ياڭرىغان ۋە خەلق ۋارقىرىغاندا، سېپىل ئۆرۈلدى ۋە خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرىپ، ئېرىخا شەھىرىنى ئالدى.
ئېتىقادى ۋەجىدىن، ئىسرائىللار يەتتە كۈن ئېرىخا شەھەر سېپىلىنى ئايلانغاندىن كېيىن، سېپىل ئۆرۈلدى.
سىلەر ئۇلارنىڭ ئۇزۇن سادا چىقىرىپ چالغان بۇرغا ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، پۈتكۈل خەلق يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىسۇن. شۇ ھامان شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بارلىق خەلق شەھەرگە ئۇدۇل بېسىپ كىرسۇن.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى بارگاھقا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن ئىسرائىللار يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك كۈچلۈك ئاۋاز بىلەن چۇقان كۆتۈرۈشتى.
يەھۇدىيەلىكلەر نەرە تارتىپ، ئابىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ھۇجۇمغا ئۆتتى. شۇ پەيتتە خۇدا ياروبئام ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ قىلدى.
ئۇ كۈن بۇرغىلار چېلىنىپ، چۇقان-سۈرەنلەر سېلىنىپ، مۇستەھكەم شەھەرلەر ۋە ئېگىز مۇنارلارغا ھۇجۇم قىلىنىدىغان كۈندۇر.