يوشۇۋا 6:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى19 بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەردىن ياسالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر، ئۇلار چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. Gade chapit la |
پادىشاھ داۋۇت بۇ نەرسىلەرنى ئۆزى بۇرۇن بويسۇندۇرغان بارلىق خەلقلەردىن، يەنى ئىدوملۇقلار، موئابلار، ئاممونلار، فىلىستىيەلىكلەر ۋە ئامالەكلەردىن ئولجا ئالغان ھەممە ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە، شۇنداقلا زوباھ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەردىن ئالغان ئولجىلارنىڭ بىر قىسمىغا قوشۇپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەرگە ئاتىدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»