Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:17
26 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغىنىدەك، خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس ئەللىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار.


بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي سىئون خەلقى، ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، دۈشمىنىڭلارنى يانجىڭلار! سىلەرگە تۆمۈر مۈڭگۈز، تۇچ تۇياق ئاتا قىلىمەن، سىلەر نۇرغۇن ئەللەرنى يانجىپ، ۋەيران قىلىسىلەر. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى، يەنى ناتوغرا يول بىلەن توپلىغان بايلىقىنى مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىگە ھەدىيە قىلىسىلەر.»


ئېتىقادى ۋەجىدىن، پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى دوستلارچە كۈتۈۋالغاچقا، خۇداغا ئىتائەت قىلمىغان ئۆز شەھىرىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلمىدى.


خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.


بۇ ئېتىقاد يولى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش يولى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلغانلار شۇ قانۇنغا تايىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.» دەپ يېزىلغىنىغا ئوخشاشتۇر.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن.


بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن، ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ئوقۇيمەن. سەن ئارقىلىق ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»


رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!


ئەي ئادەم بالىسى، مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار ساڭا دەيمەنكى، سەن ھەر خىل قۇش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «سىلەر ھەر تەرەپتىن توپلىشىپ كېلىڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن ھازىرلىغان قۇربانلىق زىياپىتىمگە قاتنىشىڭلار، يەنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا كېلىپ، كاتتا زىياپەتكە داخىل بولۇڭلار. ئۇ يەردە گۆش يەيسىلەر، قان ئىچىسىلەر.


لېكىن بۇ كۈن مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇ كۈن مەن پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈندۇر. مەن دۈشمەنلىرىمدىن ئىنتىقام ئالىمەن. مېنىڭ قىلىچىم تويغۇچە گۆش يەيدۇ، قانخورلۇقى بېسىلغۇچە قاندىن ئىچىدۇ. مەن ئىگەڭلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شىمالدىكى فىرات دەرياسىنىڭ بويلىرىدا دۈشمەننى قۇربانلىق مال قىلىمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى قوزا، ئۆچكە ۋە قوچقارنى قۇربانلىق قىلغاندەك، قان ۋە گۆشكە مېلىنىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ، ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ،


«كىمكى ئۈچ كۈن ئىچىدە يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلمىسە، ئەمەلدار ۋە ئاقساقاللارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ، جامائەتنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.»


ئاندىن قېنلارغا: «ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسەتكەنىدىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئامالەكلەر بىلەن قوشۇپ يوقىتىۋەتمەسلىكىم ئۈچۈن، ئەمدى ئامالەكلەردىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ كېتىڭلار!» دەپ خەۋەر بەردى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.


بۇ ئىككى چارلىغۇچى تاغقا چىقىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. قوغلىغۇچىلار ئۇلارنى يول بويى ئۈچ كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئېرىخا شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۆز خەلقىنىڭ شىتتىمدىكى قارارگاھىدىن ئىككى چارلىغۇچىنى كەنئان زېمىنىغا يوشۇرۇن ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى: _ سىلەر بېرىپ كەنئان زېمىنىنى، بولۇپمۇ ئېرىخا شەھىرىنى چارلاپ كېلىڭلار. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بېرىپ، راھاب ئىسىملىك بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ، شۇ يەردە تۈنەپ قالدى.


ئەمدى سەن ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىل. ئۇلارنى ئەر-ئايال، بالىچاقا دەپ ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرماي، ئۇلارنى مال-مۈلۈكلىرى، قوي، كالا، تۆگە ۋە ئېشەكلىرى بىلەن قوشۇپ، بىراقلا تەلتۆكۈس يوقات.»


قايتۇرۇۋېلىنمىغان يەر قۇت يىلى كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى سۈپىتىدە روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite