Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 6:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 يەتتە بۇرغىنى چېلىپ ماڭغان يەتتە روھانىي پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا ماڭدى. بۇرغىلار توختىماي چېلىندى، قوراللانغان لەشكەرلەر روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 6:13
8 Referans Kwoze  

شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.


لېكىن، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر جەزمەن قۇتقۇزۇلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان لاۋىيلارغا خۇدا ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يەتتە بۇقا ۋە يەتتە قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.


ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى.


يەتتە روھانىي قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىلارنى ئېلىپ، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا ماڭسۇن. يەتتىنچى كۈنى روھانىيلار بۇرغىلارنى چالغان ھالدا شەھەرنى يەتتە قېتىم ئايلانسۇن.


قوراللانغان لەشكەرلەر بۇرغا چالغان روھانىيلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى، قالغان لەشكەرلەر ئەھدە ساندۇقىنىڭ كەينىدىن ماڭدى، بۇرغا توختىماي چېلىندى.


يوشۇۋا ئەتىسى ئورنىدىن سەھەر تۇردى. روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈردى.


شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى كۈنى خەلق شەھەر سىپىلىنى يەنە بىر قېتىم ئايلىنىپ، قارارگاھقا قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇدا ئالتە كۈن شۇنداق قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite