Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 5:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا قۇل بولۇپ تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى «گىلگال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 5:9
21 Referans Kwoze  

داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.


مۇنداق دېدى: _ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس.


_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.


ئۇ مىسىردىكى ۋاقتىدا قىلغان بۇزۇقچىلىقىنى تاشلىمىدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ ياش بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئۇنىڭ بىلەن شەھۋىتىنى قاندۇرالايتتى.


ئۇلار مىسىردا پاھىشىلىك قىلاتتى ۋە ياش ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ پاھىشىلىك قىلغانىدى. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ كۆكسىنى سىلىيالايتتى، ئەمچەكلىرىنى تۇتالايتتى.


پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، مەن مىسىرلىقلارنى، يەھۇدىيەلىكلەرنى، ئىدوملۇقلارنى، ئاممونلۇقلارنى، موئابلىقلارنى ۋە شۇنداقلا قۇملۇقلارنىڭ چەت-ياقالىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. چۈنكى بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغان بولسىمۇ، يولۇمدا ماڭمايدۇ. ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرمۇ خەتنە قىلىنغان بولساڭلارمۇ، ئۆز قەلبىڭلارنى ئۆزگەرتمىدىڭلار، يولۇمدا ماڭمىدىڭلار.»


قورقىمەن، يىراق قىل مەندىن ھاقارەتلەرنى، بەرھەق، ئەلا بىلىمەن ھۆكۈملىرىڭنى.


مەن خىزمەتكارلىرى شىرنىمۇ، ئېيىقنىمۇ ئۆلتۈرگەنمەن. مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىۋاتقان ئاۋۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئاشۇ شىر ۋە ئېيىقتەك بولىدۇ.


_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.


يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!


بارلىق ئەرلەرنىڭ خەتنىسى قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقايغۇچە شۇ قارارگاھتا تۇردى.


ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى.


پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزگىلى كەلگەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرمۇ گىلگالغا كەلدى.


ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن موئابلارنىڭ مەسخىرىلىرى ۋە ئاممونلارنىڭ ھاقارەتلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلار خەلقىمنى مەسخىرە قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى. مەن، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، موئاب جەزمەن سودومدەك، ئاممونلار گومورادەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى شور ۋە تىكەن بېسىپ، مەڭگۈلۈك چۆل-باياۋانغا ئايلىنىدۇ. ئامان قالغان خەلقىم ئۇلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، زېمىنلىرىنى بېسىۋالىدۇ.»


بەيت-گىلگالدىن، گەبا ۋە ئازماۋەت قاتارلىق جايلاردىن كېلىپ يىغىلدى. چۈنكى مۇناجاتچىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلارنى قۇرۇپ چىققانىدى.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار، لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن. گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن، بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن.


لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite