Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلىنغانىدى، ئەمما چۆل-باياۋاندىكى سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغانلار خەتنە قىلىنمىغانىدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 5:5
9 Referans Kwoze  

خۇدانىڭ نەزىرىدە خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ئادەم بولۇشتۇر.


بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خەتنە قىلىش ياكى قىلماسلىق مۇھىم ئەمەس، پەقەت مېھىر-مۇھەببەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئېتىقادلا مۇھىم، دەپ قارايمىز.


ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇر.


شۇنىڭغا ئوخشاش، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەگەر سىلەر خۇدانىڭ: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلسەڭلارىدى، بىگۇناھ كىشىلەرنى گۇناھكار، دەپ قارىمايتتىڭلار.


چۈنكى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى چۆل-باياۋانلاردىكى سەپەردە ئۆلۈپ كەتكەنىدى.


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاكى ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. پەرۋەردىگار: «ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە كۆرسەتمەيمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite