15 پەرۋەردىگار قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى ئۇنىڭغا: _ سەن دەسسەپ تۇرغان يەر مۇقەددەس يەردۇر، شۇڭا چورۇقۇڭنى سال! _ دېدى. يوشۇۋا ئۇنىڭ دېگىنىنى بەجا كەلتۈردى.
خۇدا ئۇنىڭغا: _ يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سال، چۈنكى سەن تۇرۇۋاتقان بۇ يەر مۇقەددەستۇر.
شۇ چاغدا، بىز مۇقەددەس تاغدا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئەرشتىن كەلگەن بۇ ئاۋازنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق.
ئىسرائىللارنىڭ ۋەھىمىسىدىن ئېرىخا شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى مەھكەم ئېتىلگەن بولۇپ، ھېچكىمنىڭ كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇلمىغانىدى.