Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇ ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە ئىسرائىللار ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدىكى گىلگالدا قۇرغان قارارگاھتا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 5:10
14 Referans Kwoze  

پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللىغان ماللىرىنى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە ياخشى بېقىپ، شۇ كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا بوغۇزلىسۇن.


شۇڭا سەن خۇددى سۈرگۈنگە تەييارلانغان ئادەمدەك، كۈندۈزى نەرسە-كېرەكلىرىڭنى يىغىشتۇر. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن باشقا يەرگە كەت. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلار سېنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىڭنى كۆرۈپ، بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلىشى مۇمكىن.


ھەر يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ 21-كۈنى كەچقۇرۇنغىچە پېتىر نان يەڭلار.


«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.


خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.


ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتۈپ ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار شۇ يەرنىڭ ئاشلىقلىرىدىن پېتىر نان ۋە قوماچنى يېيىشتى.


ئۇلار گىلگالدا تۇرۇۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ قارارگاھىغا كېلىپ، يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارغا: _ بىز يىراق بىر جايدىن سىلەر بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق، _ دېدى.


ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى.


مەن سىلەردىن خەۋەر كەلگۈچە دالادىكى دەريا كېچىكىدە ساقلاپ تۇرىمەن، _ دېدى.


بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى ئۇلارنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلگەندە، بابىل قوشۇنلىرى پادىشاھ زىدقىيانى تۇتۇۋالدى. ئۇلار ئۇنى تۇتقۇن قىلىپ، بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر تۇرۇۋاتقان خامات رايونىدىكى رىبلاھقا ئېلىپ كەلدى. بابىل پادىشاھى ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى.


ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»


قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېگەن ۋاقتىدا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بەللىرىنى چىڭ باغلاپ، چورۇقلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ھاسىلىرىنى تۇتۇشۇپ تېز يېسۇن. بۇ كېچە مەن پەرۋەردىگارنى ھۆرمەتلەپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزىدىغان كېچە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite