يوشۇۋا 5:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى. Gade chapit la |
شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە
ئەگەر بىرسى سەندىن نېمىشقا نالە قىلىسەن، دەپ سورىسا، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەر: «شۇم خەۋەر كېلىۋاتىدۇ. بۇ خەۋەردىن ھەر كىشىنىڭ يۈرىكى سېلىپ، قوللىرىدا جان قالمايدۇ. ھەركىمنىڭ روھى چۈشۈپ، قورقۇنچتىن تېقىملىرىغا سىيىۋېتىشىدۇ. مانا شۇ ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالدى، ئۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ». بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!