22 سىلەر ئۇلارغا: «ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۈيى توختاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇرۇق دەريادىن ئۆتكەنلىكىنى» سۆزلەپ بېرىڭلار.
ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.
دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ!
ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى.
مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ، مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.
مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ھارۋىلىق لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىرگەندە، پەرۋەردىگار دېڭىز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىللار دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈنگەنىدى.
ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى.
يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كەلگۈسىدە بالىلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ تاشلارنىڭ قانداق ھېكايىسى بار؟» دەپ سورىسا،
يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى.