Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




يوشۇۋا 3:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

Gade chapit la Kopi




يوشۇۋا 3:6
11 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار يول ئېچىپ، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن. سىلەر شەھەر دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، يېڭىباشتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىسىلەر. سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولغان مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول باشلايمەن، ئالدىڭلاردا ماڭىمەن.»


خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.


ئەگەر سەن بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ھالاك قىلىۋەتسەڭ، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن خەۋەردار بولغان ئەللەر چوقۇم:


ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى.


ئەيسا مەسىھ بىزگە يول ئېچىش ئۈچۈن، ئۇ يەرگە بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، بىزلەر ئۈچۈن مالكىسىدىققا ئوخشاش تەرتىپتىكى مەڭگۈلۈك باش روھانىي بولدى.


كېيىن يوشۇۋا خەلققە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار. ئەتە پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىدۇ.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈندىن باشلاپ سېنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆككە كۆتۈرىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار مېنىڭ مۇساغا يار بولغىنىمدەك، ساڭىمۇ يار بولغانلىقىمنى بىلەلەيدۇ.


ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلار روھانىيلارغا قوشۇلۇپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى.


ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن، لاۋىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ئەكەلدى. لاۋىيلار بىلەن روھانىيلار بىرلىكتە ئۇچرىشىش چېدىرىنى ۋە چېدىر ئىچىدىكى بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى ئېلىپ كەلدى.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite